باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا توردا بايراملىق ھال سوراش ئومۇملاشتى

2014.01.29 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ، مىكرو ۋىدىيو ئارقىلىق چاغاننى مۇبارەكلەش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا، ئۆيلىرىگە كېتىۋاتقان يوللاردا ئۆزئارا تىلەك تىلىشىپ، ئارزۇ ئارمانلىرىنى بىلدۈرۈپ، قەھرىتان قىشنى ئىللىتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدىكى پىدائىي لى گۈەنرۈي 8 سىكونتلۇق مىكرو ۋىدىيودا پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ خوشال بايرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى، قەشقەردىكى ئىليار ئەلى مىكرو ۋىدىيو ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بايرامنى خوشال خورام ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەيسەر كۆڭۈل قويۇپ مىكرو ۋىدىيو ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ چاغانلىق كېچىلىكىدە كۆرسىتىدىغان نومۇرىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى، پامىر ئىگېزلىكىدە تۇرۇشلۇق بەختىيار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغاننى خوشال خورام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپىمۇ توردا بايراملىق ھال سوراش ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، بايراملىق كەيىپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ئىلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدا كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن قىسقا فىلىمىنى كۆرسەتتى، نۇرغۇن خەلق ساقچىلىرى فىلىمدا كۈلۈپ تۇرۇپ: ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئات يىلىدا ھەممە ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن دېدى، تورداشلار باھا بېرىپ: بۇ ئەڭ تەسىرلىك، بايراملىق كەيپىيات ئەڭ قويۇق خەلق ساقچىلىرى قىسقا فىلىمى بولۇپتۇ دېدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسۇدىكى ياش پىدائىيلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى پۇتبۇل ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچى فۇتۇگرافلار جەمئىيىتى قاتارلىقلارمۇ مىكرو بىلوگ، مىكرو ۋىدىيو ئارقىلىق چاغاننى تەبرىكلەپ، بايراملىق كەيىپىياتنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

  ئەمەلىيەتتە تور ئارقىلىق تەبرىكلەش يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭدا خېلى مودا بولۇپ قالدى، بىر ئايدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ، تاراتقۇ مىكرو بىلوگلىرىدا ئارقا ئارقىدىن تەرەققىيات يارقىن نۇقتىلىرىغا نەزەر، تور چاغانلىق كېچىلىكى قاتارلىق پائاليەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن تور ئەھلىنى جەلىپ قىلدى، تورداشلار بۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ، شىنجاڭنى سۆيۈش، ياخشى شىنجاڭ دېگەن شوئارنى يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇمىدۋار، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر