باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2014.01.29 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان يېتىپ كېلىشى بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەر يۇرتلىرىغا قايتماقتا، يېزىلاردا يېڭى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بۇ يىل تۆت ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۆلكە بويىچە 4- نۆۋەتلىك ئون مىڭ كادىر ئون مىڭ كەنتكە چۈشۈپ ئون مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. دېھقانلار ئاممىسى بىلەن دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇقتىسى ۋە بىرىنچى ئۆلچىمى. ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:خەلق بىزنىڭ خوجايىنىمىز ۋە ئاتا ئانىمىز، بىز خوجايىنىمىز ئالدىدا چاكار، ئاتا ئانىمىز ئالدىدا ۋاپادار پەرزەنت بولۇشىمىز كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئون مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاساسلىقى ئومۇمىيلاشتۇرۇش، كەڭ دائىرىدە قاتناشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش. 2011-يىلىدىن بۇيان،خۇبېي ئۆلكىسى ئۈدا ئۈچ يىل ئۈچ نۆۋەتلىك ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىنى ئۇدا قانات يايدۇردى. ئون مىڭ ئائىلىگە كىرىش بىرىنچى نۆۋەتلىك پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. پۈتۈن ئۆلكىدىكى 8000 دىن كۆپرەك خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى ئىگىلىدى. ئون مىڭ كۆل ياساش، ئىككىنچى نۆۋەتلىك پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇنىڭدا پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىسى ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆلچەك ياساش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.ئون مىڭ ئائىلىنى تازىلاش ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇنىڭدا كەنت يىغىش، يېزا بازار يۆتكەش، رايون دەرىجىلىكلەر يۆتكەپ توشۇش، شەھەر دەرىجىلىكلەر بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۆلكە بويىچە يېزا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىدە بىر يىلدا بىر ئاساسى تېما بارلىققا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. بۇ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۈل ئەسلىھەلىرى، يېزا مۇھىتى ۋە تازىلىقى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماستىن ، ئامما ئارىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئۈچ ئون مىڭ پائالىيىتىگە بولغان يېڭى ئارزۇسى،يېڭى تەلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بارلىق دېھقانلار ئاممىسىغا يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى قىياپەتنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر