باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تىمپىراتۇراسى تۆۋەنلەيدۇ

2014.01.29 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالدىكى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قار ياغىدۇ، تىمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، ھاۋا ئىلگىرىكى چاغانلاردىكىدىن سەل سوغۇق بولىدۇ.

  30-يانۋاردىن 1-فېۋرال كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرى تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تارغاباتاي، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرى تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئوتتۇرىھال ۋە قاتتىق قار ياغىدۇ.

  چاغان مەزگىلىدە، تارغاباتاينىڭ شىمالى ۋە ئالتاينىڭ تېمپىراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 26 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 28 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. ئىلى دەرياسى جىلغىسىدىن تەڭرى تېغىغىچە بولغان جايلارنىڭ تىمپىراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 19 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 17 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ تىمپىراتۇراسى تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 7 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 9 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر