باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جىميۇڭ بىرمىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش پىلانىنى جاكارلىدى

2014.01.28 10:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم جىميۇڭ تۈنۈگۈن رانگوندا بىرمىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئومۇمىي سوممىسى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش پىلانىنى جاكارلىدى.

  دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ پىلان ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات تۈرلىرىگە مەدەت بېرىش، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ پىلان يەنە خۇسۇسىي تىجارەت ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتقا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. كىم جىميۇڭ رانگوندا داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسىنىڭ پىلانىدا 200مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق 2030-يىلغىچە بولغان ساغلاملىق سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرمۇ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر