- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2014-يىلى، شىنجاڭدا ساياھەت كەسپىدىن يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 25 مىڭ ئادەمگە يەتتى
2014.01.26 16:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
ماتېرىيال سۈرەت |
يېقىندا ، چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىي خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2014-يىلى ، شىنجاڭدا ساياھەت كەسپىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 25 مىڭغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشقان .
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ يىلدىن باشلاپ، ساياھەت كەسپىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ، دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتتىن قىلغان كىرىمى ۋە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ساياھەت خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالىدىكەن .
بۈگۈنكى كۈندە ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ كەلگەن . بۇ يىل ، ئاپتونوم رايون ساياھەتتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ، ساياھەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى رولىنى كۈچەيتىش ، يېزا ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ ، يېزا ساياھەت مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ ، يېزىلاردىكى ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ ، يېزا ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە ، يېزا ، ئائىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ ، بېيىشقا يېتەكلەيدىكەن .
2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت كەسپىدە بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 300 مىڭغا، ۋاستىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭغا ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 20 مىڭغا يەتكەن . ھازىرغىچە ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىنىڭ سانى 1177 گە يېتىپ ، 12 مىڭ دېھقان ، چارۋىچى ئىشقا ئورۇنلاشقان.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر