باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى 28 ئۆلكە يەرلىك ئىككى يىغىنىنى ئېچىپ بولدى

2014.01.29 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرغىچە ئېلىمىزدىكى 28 ئۆلكە يەرلىك ئىككى يىغىنىنى ئارقا ئارقىدىن ئېچىپ بولدى. جايلاردىكى ۋەكىللەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيە، مۇھىتنى قوغداش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى. جايلاردىكى ۋەكىللەرنىڭ بىر قەدەر مەركەزلەشكەن، ئالدىنقى قاتاردىكى تەكلىپلىرىدىن كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ بېشىدا جەمئىيەتتىكى قىسمەن مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەردىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئوڭشاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئېتىز-ئېرىقنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، نېتىرال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىسە دەپ تەكلىپ بەردى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكلىپكە قاراپ چىقىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، يەتتە تەكلىپكە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، خۇلۇمبىر شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خولۇمبىر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى 1- نومۇرلۇق تەكلىپ قىلىپ بېكىتتى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى لياڭ خوڭ قاتارلىق 12 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە قاراپ چىقىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، باشقا ئۆلكە ، بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەستىقلاشقا سۇنغان قانۇن نىزام تەرتىپىدىكى بەلگىلىمىنى ئەينەك قىلىش ئاساسىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزسە دەپ تەكلىپ بەردى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى باشلامچى رايون، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋەكىللەرنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ،440 تىن كۆپرەك تەكلىپ بەردى. بەزى ۋەكىللەرنىڭ ھەر بىرى ئون نەچچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سايلام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ياڭ ۋېنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆز يېرىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىمۇ كۈچەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر