باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ م ك سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ،مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلدى

2014.01.26 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلدى، بىر يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كېيىنكى قەدەمدە ئىستىلنى ياخشىلاش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا شى جىنپىڭ رەئىس، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ مۇئاۋىن رەئىس بولىدۇ يەنە بىرقانچە كىشى دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە ئەزاسى بولىدۇ، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك خىزمىتىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلىگۈچى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ ماسلاشتۇرغۇچى ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىغا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى زور ئىشلار ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ۋەدە بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىدا بۇرۇلۇش ياساشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىستىلدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇزاق مۇددەتلىك كۆرەشنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى باشلامچى قىلىپ، بۇ يىل مۇنداق 7 مەسىلىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك: پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شامىلى قوزغاپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئىستىلنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسىدىكى بۇ ئىسراپچىلىقتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار ئىشخانا ۋە ئۆيلەرنى كۆپ ئىگەللىۋېلىش مەسىلىسىنى داۋاملىق ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشخانا بايلىقىنى ئادىل تەقسىملەش ۋە تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى، يىغىن خىراجىتى قاتارلىق خامچوت باشقۇرۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، كىچىك غەزنىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ناچار ئىستىلنىڭ مەبلەغ زەنجىرىنى تۈپ مەنبىيىدىن ئۈزۈپ تاشلاش، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپى ئورۇنلارنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى تۈزەپ، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ ناتوغرا ئىستىلنىڭ قانۇن سىرتىدىكى بۆشۈكى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئارامخانىلاردىكى ناچار شامالنى تۈزەپ، ئۇنىڭ ھەشەمەتچىلىك، چىرىكلىشىشنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىدىكى ئىستېمالى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇزۇپ چېچىش، ئىسراپچىلىقتىكى يوچۇق ۋە ئارقا ئىشىكلەرنى قەتئىي توسۇش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىختەك تۇرۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسكىنلىكىنى قوغداپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر