باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئاتاقلىق پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى يوقلىدى

2014.01.26 11:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شيې جيالىن، جېڭ جېمىن، ۋاڭ شياۋمولارنى يوقلىدى، ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلىدى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى.

  ليۇ يۈنشەن 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شيې جيالىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ زەررىچە تېزلەتكۈچ كەسپىنىڭ بۇ يول ئاچقۇچىسى ۋە ئاساسچىسىنى يوقلىدى. ليۇ يۈنشەن شيې جيالىننىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇرۇن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ۋەتەنگە قايتىپ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن، ليۇ يۈنشەن جېڭ جېمىننىڭ ئۆيىگە باردى، ليۇ يۈنشەن جېڭ جېمىننىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مول پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ماختىدى ھەم پەن-تېخنىكا كەسپى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ يېتەكلىشى، ياش ئەۋلادلارنىڭ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج دەپ تەكىتلىدى. ليۇ يۈنشەن ۋاڭ شياۋمونى يوقلىغاندا، ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ليۇ يۈنشەن مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلاش جەريانىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە دۆلەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە، بىر تەرەپتىن ئىسلاھاتقا، بىر تەرەپتىن پەن-تېخنىكا تايىنىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم.

  شيې جيالىن، جېڭ جېمىن، ۋاڭ شياۋمو باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى، داۋاملىق تېرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقا ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر