- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كارزايى: بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا يول قويمايمىز
2014.01.27 15:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئامېرىكا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرغا قويغان ئالاقىدار شەرتلەرنى قاندۇرمايدىكەن، ئافغانىستان ئىككى دۆلەتنىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»گە ئىمزا قويمايدۇ. كارزايى شۇ كۈنى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەتتە ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشنى توختىتىشى، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى ماھىيەتلىك قوللىشى، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئادىل ۋە ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. ئۇ يەنە: ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى « ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئىمزالاشنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر