باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجاڭ بېيجىڭدىكى قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.01.26 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجاڭ خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، بېيجىڭدىكى قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ۋەكىللەر خىزمەت دوكلاتىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەڭ كۇشادە پىكىر بايان قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر،تەكلىپ بەردى. ۋەكىل دۇ دېيىڭ، سۈن شۈەنجۇڭ، جېڭ گوڭچېڭلار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: قانۇن تۇرغۇزۇش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ خىزمەت ھوقۇقى يۈرگۈزۈلۈپ، قانۇننىڭ ئىجراسى كۈچەيتىلسە. ۋەكىل گاۋ جىگو، يۈەنسى، لياڭ شاۋچىڭلار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەش، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان دىققىتىگە يەنىمۇ جاۋاب قايتۇرۇلسا. ۋەكىل ۋاڭ چۈەن، ۋاڭ ۋېنجىڭ، جاۋ يۈلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى كۈچەيتىلسە. ۋەكىل خۇخاۋ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ۋەكىللەر بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقە يەنىمۇ كۈچەيتىلسە.

  جاڭ دېجاڭ تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مۇھىم نۇقتىلىرىنى خاتىرىلىدى، پات-پات سۆز قىستۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك پىكىر بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ دېجاڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا قارىتا بەرگەن پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز، خىزمەت دوكلاتىنى تۈزىتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ھەم ھەقىقىي تۈردە ياخشىلاپ، خىزمەت ھوقۇقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر