باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدارە ـ ئورگانلار ئىشچى – خىزمەتچىلەر خىزمەتكە چۈشكەن 30 كۈننىڭ ئىچىدە چوقۇم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشى كېرەك

2014.01.26 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم 30 كۈن ئىچىدە ئىشلەتكەن ئادىمىگە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇلارغا سۇغۇرتا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشى ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىدارە ـ ئورگانلار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تىزىمغا ئالدۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى پۇلىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك.

  بەلگىلىمىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، ئىشسىزلىق، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتىلارنى كۆرسىتىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەر ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغانلىقىنى ئىشچى – خىزمەتچىگە ئۇقتۇرۇشى، ھەر يىلى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى يىغىنىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ياكى كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان جايغا ئۇقتۇرۇش چاپلاش ئارقىلىق، بىر يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ئەھۋالىدىن ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى خەۋەردار قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىپ بەرگەن ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىلدۈرۈپ ئۇلارغا ئىمزا قويدۇرۇشى ھەمدە بۇنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

  بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق ئەھۋالىغىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بۇ ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرمىغان ھەر كۈنىگە ‰0.5 جەرىمانە قوشۇپ ئالىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۆھلەت توشۇپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى يەنىلا تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي ئورۇنلىرى بۇ ئورۇنلاردىن كەم تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ بىر ھەسسىسىدىن كۆپ، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر