باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما جىڭچى: ئىستىمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان، ئەڭ بىۋاستە مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم

2014.01.27 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جىڭچى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىستىمالدا ھوقۇق قوغداش خىزمىتىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەستىن، ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رىئال بولغان مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم.

  2013-يىلى مەملىكەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ساختا، ناچار مەھسۇلات سېتىش دىلوسىدىن جەمىي 66 مىڭنى، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈش دىلوسىدىن 22 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈش قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بەردى.

  ما جىڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى 12315 قىسقا ئۇچۇر مۇنبىرى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنتېر تورى ئارقىلىق دىلو قوبۇل قىلىش يولى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىستىمالچىلارنىڭ شىكايەت يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ. 12315 مەركىزىي تېلىفونىنىڭ ئۇلىنىش نىسبىتىنى، ئىستىمالچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى مىقتارلاشتۇرۇپ باھالاش، نازارەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىستىمالچىلارنىڭ ھەر بىر ئەرزىنى سورايدىغان، ئىنكاس قايتۇرۇدىغان كىشى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرىز ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نۇقتىلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى نىشانلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دىلو يىپ ئۇچىنى بايقايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر