باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مۇلازىمىتى ئاساسىي قاتلام رايونىدىكى 100 مىليونغا يېقىن ئاممىنى قاپلىدى

2014.01.27 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلىتىشتە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى»نىڭ پەيدىن-پەي يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسى ئىمپورتقا تايىنىشتىن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تەتقىق قىلىپ ياساشقىچە تەرەققىي قىلىپ، مۇلازىمىتى ئاساسىي قاتلام رايونىدىكى 100 مىليونغا يېقىن ئاممىنى قاپلىدى.

  10 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، خەينەن ئۆلكىسى چىڭمەي ناھىيىسىدىكى بىر بىمارنىڭ تۇيۇقسىز باش سۆڭىكىنىڭ ئىچى قاناپ كېتىپ، ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ئىدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، بېيجىڭدىكى مۇتەخەسىسلەر نەق مەيدانغا بارمايلا، يىراقتىن داۋالاش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش تەكلىپلىرىنى بەردى.

  بۇ بىر يۈرۈش يىراقتىن داۋالاش سىستېمىسىنى ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ھازىر جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى، تيەنتەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق 10 نەچچە چوڭ تىپتىكى مۇتەخەسىسلەر كوللىكتىپ كېسەل كۆرۈش مەركىزىي ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى 1000 دىن ئارتۇق دوختۇرخانا ئىشلەتمەكتە.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنىڭ يۆلىشى ئاستىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئورگانلىرى 100 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق سىېفېرلاشقان، ئەقلىي ئىقدارلاشقان، تورلاشقان، 380 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىلغان داۋالاش ئۈسكۈنىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىشلىتىپ، 96 مىليون ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر