باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-قېتىملىق يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بۇ يىل باشلىنىدۇ

2014.01.29 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 28-چېسلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «گوۋۇيۈەننىڭ 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى، ئۇقتۇرۇشتا 2014-يىل 7-ئايدىن 2018-يىل 6-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ناھىيەنى بىرلىك قىلغان ھالدا 2-قېتىملىق يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بېكىتىلدى.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يەر نامى ۋە ئالاقىدار خاراكتېر ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلاپ، نامى يوق يەر، يەر نامى رولىغا ئىگە جۇغراپىيەلىك گەۋدىلەرگە نام قويۇش، قېلىپلاشمىغان يەر ناملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان يەر نامى بەلگىسى تەسىس قىلىش، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت يەر نامى ۋە رايون سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر نامى ئۇچۇرلاشقان مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يەر نامىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارخىپى تۇرغۇزۇش. (سۈي جىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر