باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتىدە جايلاردىكى ناچار يىغىن ئىستىللىرى ئاشكارىلاندى ۋە ئادەمنى قىينىغاننىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى يوق ئىكەن، دېيىلدى

2014.01.28 18:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلۇپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار يىغىننى ئىخچاملاپ، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاش جەھەتتە يېڭى كەيپىيات ياراتتى، لېكىن مۇخبىر ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بايقىدىكى، «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچانلىقنى يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»دىكى تەلەپكە ئاساسلانغاندا، بەزى جايلاردا يىغىن جەھەتتە يىغىن بىلەن قىيناش، يىغىننى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، يىغىننى يىغىن ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق يىغىن ئىسراپچىلىقى ھادىسىلىرى ھېلىھەم ساقلىنىۋېتىپتۇ.

  «يىغىن قىسقا بولغان بىلەن يول ئۇزۇن بولۇش»، «مەزمۇنى ئاددى، ئەمما داغدۇغىسى چوڭ بولۇش»، «ئون مىنۇتلۇق يىغىنغا بىر سائەت يول مېڭىپ بېرىش»... دېگەندەك «كىچىككىنە بىر يىغىن بىر توپ ئادەمنى قىينايدىغان» ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس. مۇخبىر ئاساسىي قاتلامدا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىدىكى، ئۇزاق يول بېسىپ بېرىپ ئۇششاق-چۈششەك يىغىنلارغا قاتنىشىش چەت تاغلىق رايوندىكى كادىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئىكەن. غەربىي شىمالدىكى مەلۇم تاغلىق شەھەرنىڭ بىر رەھبىرى: بۇ يەردىن ئۆلكە مەركىزىگە بېرىش ئۈچۈن ماشىنىدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر قېتىم ئۆلكە مەركىزىدىن يىغىن ئۇقتۇرۇشى كەلسە، بىر كۈن بۇرۇن بېرىپ ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئەتىسى يىغىنغا كىرىمىز ۋە بىر قۇچاق ماتېرىيالنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز. بەزى يىغىنلار ئۇزىراپ كەتسە، شۇ كۈنى قايتىپ كېتەلمەي يەنە بىر ئاخشام قونۇپ قالىمىز، دېدى. بىر رەھبەر، بىر خىزمەتچى ۋە بىر شوپۇر، ياتاق-تاماق خىراجىتىگىلا نەچچە مىڭ يۈەن كېتىدۇ، بۇ تېخى ماشىنىنىڭ ماي ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەت يىراق رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قالاق، مالىيە كىرىمى تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، «يىغىنغا قاتراش» تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى. بىر يىغىننى دەپ ئالدىراپ بېرىپ، ئالدىراپ يانغاندا، ۋاقىت، كۈچ ۋە ماي سەرپ بولغاننى تىلغا ئالمىغاندىمۇ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق خەۋپلەرمۇ بار. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر