باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى يېڭى باشلىقىنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار» توغرىسىدىكى پىكرىگە رەددىيە بەردى

2014.01.28 19:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:

  سوئال: ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتىنىڭ (NHK) يېڭى باشلىقى نىجىڭشېڭرېن يېقىندا «ھال سورىغۇچى ئاياللار» توغرىسىدا سۆز قىلىپ، «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردە مەۋجۇت ئىدى، بۇنىڭدا ياپونىيەنىلا تەنقىدلەشكە بولمايدۇ، دېگەنىدى. بۈگۈن نىجىڭشېڭرېن مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى توغرۇلۇق كەچۈرۈم سورىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ كەچۈرۈم سوراشنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ئۇنى خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك دەپ قارامدۇ؟

  جاۋاب: بىز NHK نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ بايانىغا دىققەت قىلدۇق. كۆپچىلىكنىڭ بىلگىنىدەك، «ھال سورىغۇچى ئاياللار»نى مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەت خەلقىگە قىلغان ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت جىنايىتى بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھازىرغىچە جىسمانىي ۋە روھىي زىيان ئېلىپ كەلدى. ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بايانىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ياپونىيەدە ئۇدا بىر خىل كۈچ بار بولۇپ، ياپون مىلتارىزمىنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلەتمەكچى ۋە ئىنكار قىلماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇش خاتالىقى بىلەن ئوخشاش. بىز ياپونىيە تەرەپنى تارىخقا مەسئۇل بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە مەسئۇل بولۇش ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇشقا، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە توغرا قاراشقا ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشقا، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قاتتىق دەۋەت قىلىمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر