باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت لىۋانغا قېچىپ بارغان سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ 890 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

2014.01.28 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مەھكىمىسى 26-يانۋار ھازىرغىچە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن لىۋانغا قېچىپ بارغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ 890 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  سۈرىيە ئۇرۇش ئوتىنىڭ كەسكىنلىشىشگە ئەگىشىپ، زور تۈركۈم سۈرىيە مۇساپىرلىرى قوشنا دۆلەتلەرگە كىرىپ، مەبلىغى يېتىشمەيۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى قاتارلىق خەلقئارا قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنى بىر چوڭ قىيىن مەسىلىگە يولۇقتۇردى. سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى بويىچە 2-قېتىملىق ئىئانە توپلاش يىغىنى 15-يانۋار كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلدى، 69 دۆلەت ۋە رايون رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون يىغىن ئاخىرلاشقاندا، 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ۋەدىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر