باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھوللاند بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2014.01.27 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-يانۋار فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلگراممىسى يوللىشىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1964-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى يولداش ماۋ زېدۇڭ بىلەن گېنېرال دىگول جۇڭگو بىلەن فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي قارارنى چىقىرىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە يېڭى دەۋر ئېچىپ، باراۋەرلىك، كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت خەلقئارا مۇناسىۋەت يېڭى سەھىپىسىنى ياراتقانىدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇش ئىدىيىسىگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىدىغان مۇھىم كۈچلەردۇر. جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. مەن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدىن ئىبارەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

  ھوللاند مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلۇشىشىنى ئورتاق قوغداپ، كىرزىسلارغا ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى پارلاق نەتىجە يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر