ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار چارۋا- مال بېقىش، بورداش داۋامىدا يەم – خەشەكلەر باھاسىنىڭ يىلدىن ــ يىلغا يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن كېۋەز شادىسىنى يىغىپ، تالقانلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يەم – -خەشەك ياساپ، چارۋا- مال بېقىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەش بىلەن بىرگە كېۋەز شادىسى كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەلىككە ئايلاندۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.سۈرەتتە: 24- يانۋار دۆڭقوتان كاركۆل قوي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى خادىملار كېۋەز شادىسىدىن تالقانلىنىپ ياسالغان خەشەكلەرنى ئۇسماقتا.