باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، باش سىياسىي بۆلۈم تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ يېتەكچىلىك پىكرىنى بېسىپ تارقاتتى

2014.01.29 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى «پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ 2-تۈركۈملۈك پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: تەربىيەنى ئۆگىنىش، پىكىر ئاڭلاش باسقۇچىدا، دېۋىزىيە، برىگادا، تۇەن دەرىجىلىك ئىدارىلەرنىڭ پارتكوم ئورگانلىرى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ھەربىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىشى كېرەك. مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش ھالقىسىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزى ئىزدەش، يۇقىرى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كوللېكتىپ مۇلاھىزە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم. دېۋىزىيە، برىگادا، تۇەن دەرىجىلىك ئىدارىلەرنىڭ پارتكوم بەنزىسى ۋە ئەزالىرى سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى يېزىشى، غايە-ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، پارتىيەۋىلىك ئەخلاق، سىياسىي ئىنتىزام قاتارلىق تەرەپلەردە يىلتىزىدىن ئانالىز قىلىپ، ئىگىلىگەن تۇرالغۇ ئۆيى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، قانۇنغا خىلاپ ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇتمۇ-يوق دېگەندەك 8 جەھەتتىكى مەسىلىنى چۆرىدەپ، ھەممەيلەن شەخسلەرنىڭ ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى دوكلات جەدۋىلىنى راستچىل تولدۇرۇشى كېرەك. ئىستىل تۈزەش روھى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىيە تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىل تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش كېرەك. رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن-تۈزۈم بېكىتىش ھالقىسىدا، 1-تۈركۈملۈك پائالىيەتتىكى ئورۇنلار قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش نەتىجىسىنى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە كۆرسىتىش، ھېس قىلدۇرۇش، كۆپ سانلىق كىشىلەرنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. قانۇن-ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلەنگەن ئىشلارنى توختاتماسلىق، تۈزۈمنى كۆزگە ئىلماسلىق مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر