شىمالىي رايونلاردا سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۆپىيىپ، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ
خەلق تورى، بېيجىڭ، 26-يانۋار تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭدا كۆپ قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن. شىمالىي رايونلاردا سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۆپ بولۇپ، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.
ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭنىڭ شىمالىدا كۆپ قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن.
شىمالىي رايونلاردا سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۆپ بولىدىكەن، 27-يانۋاردىن 28-يانۋارغىچە، بىر سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى℃4 ~ ℃8، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃10 تىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە ئاز ياكى ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن.
29-يانۋاردىن باشلاپ، يەنە بىر يېڭى سوغۇق ھاۋا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
كەلگۈسى ئۈچ كۈننىڭ ھاۋارايىدىن كونكرېت مەلۇمات