مايمۇن ئافۇ نىقاب تاقاپ خېرىدارنىڭ مۈرىسىدە ئولتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە «ئىشلەپچىقىرىش ــ ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ 18-يانۋاردىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ئۇتسۇنومىيا شەھىرىدىكى بىر مەيخانىدا ھەم لۆڭگە سۇنۇپ بېرىدىغان ھەم ئويۇن كۆرسىتەلەيدىغان مايمۇن بار ئىكەن. چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، بۇ مەيخانا كۈندە داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن نۇرغۇن خېرىدارلارنى كۈتۈۋالغان.
بۇ مايمۇننىڭ ئىسمى ئافۇ بولۇپ، دۇكاندار بىلەن ئوخشاش ئالا خىزمەت كىيىمى كىيىدىكەن. ھەر قېتىم دۇكاندار «ئافۇ، لۆڭگە» دېسىلا، ئۇ كىچىك قەدەملىرى بىلەن توڭلاتقۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، لۆڭگىنى ئېلىپ خېرىدارلارغا سۇنۇپ بېرىدىكەن.