باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)

ــــ تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو بەرپا قىلايلى (3)

2014.01.10 23:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىلدا يېڭى ئۈمىد ئىچىدە يېڭى بىر ھايات باشلىنىدۇ. بۇ چاغدا، سومكىلىرىنى ئېسىپ، مەكتەپكە كېتىۋاتقان سان-ساناقسىز بالىلارنىڭ ئالدىراش قەدەملىرىگە، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەن ياش غۇنچىلارغا قاراپ، جاھاندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك تارى يەنە بىر قېتىم چېكىلىدۇ. ‹بالىلىرىمىز ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىسمانىي ساغلاملىق، روھىي گۈزەللىككىمۇ ئېرىشەمدىغاندۇ؟› بەزى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ھازىر مۇشۇنداق ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق خاس ئوي جەمئىيەت بويىچىمۇ بولىدىغاندۇ؟

  مائارىپ دېگەن نىمە؟ بۇ ئاددىي ھەم مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋابمۇ ئانچە مۇرەككەپلىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە دانىشمەنلەر مۇنداق دېگەن: ‹مائارىپ يېتىلىش دېمەكتۇر›، يەنى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغما تالانتى ۋە ئىقتىدارىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ ھەرگىز تاشقىي بىر نەرسىنى قاچىغا قۇيۇپ قويغانلىق ئەمەس. ئەقلىي تەربىيە بىلىمنى كاللىغا قۇيۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى قىزىقىش ۋە ئەقلى تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئەخلاقىي تەربىيە قېلىپلاشتۇرۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى يۈكسەك غايىۋى ئىنتىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ گۈزەللىك تەربىيەسى ماھارەتنى كاللىغا قۇيۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى مول مەزمۇنلۇق روھنى يېتىلدۈرۈش. شۇڭا بىز كۆپ يىللاردىن بېرى «ساپا مائارىپى»نى تەكىتلەپ، گۆدەكلەرنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز بىلىپ يېتىش، ئۈزلۈكسىز قېزىش جەھەتتە تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زارىقىپ كېلىۋاتمايمىزمۇ؟

  «مائارىپنىڭ مەقسىتى ـــ ئوقۇغۇچىلارنى رىئاللىققا ماسلاشتۇرۇپ قويۇش بولماستىن، بەلكى رىئاللىقنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش». ھازىرقى ئەھۋاللاردىن ئادەم ئەندىشە قىلىدۇ، بەزى مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن رىئاللىققا ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. مەنپەئەتچىلىك يامراپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا پروفېسسورلار «ئالدىمغا 40 مىليون قويماي تۇرۇپ مېنى ئىزدىگۈچى بولما» دېيىشىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى ‹خىزمەت سورۇنى يېتىشتۈرۈش لاگىرى› دەپ قاراۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلار ‹ياخشى خىزمەت ئارقىلىق ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىش›كە قەتئىي ئىشىنىدۇ، مائارىپ سېپىدە بارغانسىرى «قالتىس مەنپەئەتپەرەسلەر» كۆپىيىدىغان ئوخشايدۇ. «ئادەمنى نەزەردە تۇتمايدىغان»، «تەمتىرەپ قالغان» ھازىرقى مائارىپ بالىلىرىمىزنى، دۆلىتىمىزنى قانداق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغاندۇ؟

  دەل مۇشۇنداق ئەندىشىگە تولغان مەسىلە قارىشىدا، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹ئەخلاقلىق بولۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش› شۇئارى قاتتىق ياڭرىدى، ‹خەلقنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش، خەلقنىڭ روھىي كۈچىنى كۈچەيتىش› تەشەببۇسىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. ‹مائارىپ ئالدى بىلەن ئادەمشۇناسلىق›، ھالبۇكى ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەركىن تەرەققىي قىلىشى ئالدى بىلەن ئىچكى ئەخلاقنى يىتىشتۈرۈش، روھىي ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشكە باغلىق. مەنىۋىيەتنى يېتىشتۈرۈپ، روھنى يېتىلدۈرگەندە، ئاندىن غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتلىق، ئۈزلۈكسىز رەڭگارەڭلىككە تولغان ھايات بولىدۇ.

  بەلكىم بەزىلەر: قورساق توق بولسا ئاندىن ئەدەپ-قائىدە بولىدۇ، باياشاتلىشىش يولىدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىلگىرلەۋاتقان جۇڭگولۇقلارنى مەنىۋىي دۇنياسىنى موللاشتۇرۇشقا، روھىيىتى پاكلاشقان بىر مەنزىلگە يېتىشنى قوغلىشىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق قاراش بىلەن مۇھىت ئاسراشتىكى «باشتا بۇلغاپ، ئاندىن تۈزەش» پىكىرى نېمە دىگەن ئوخشاش ھە؟ ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا بەلكىم بېيىغاندىن كېيىن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگەنگەن، ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرگەن ئايرىم مىساللار بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرماي ۋە ئائىلىسىنى گۈللەندۈرمەي تۇرۇپلا دۆلەتنى تۈزەپ، جاھاننى ئاسايىشلىققا ئىگە قىلغان مىللەت بولمىغان، ماددىي مەمۇرچىلىققا تايىنىپلا ئەبەدىي گۈللىنىشنى تېخىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۇرۇقى بىر كۈن بۇرۇن تېرىلسا، خارەكتېرنىڭ يېتىلىشى بىر كۈن بۇرۇن بىجىرىملىشىدۇ، ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەلىك ھالەت بىر كۈن بۇرۇن پىشىپ يېتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر كۈن بۇرۇن قۇدرەت تاپىدۇ.

  دەل مۇشۇنداق مەنىدە بىز مەنىۋىيەت بېغىغا قايتىش، ئادىمىيلىكنىڭ ماھىيىتىگە قايتىش پەقەت مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى ئەمەس. تىپ ئۆزگىرىش مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ تېز قەدەملىك سەپىرىدە، پۈتۈن جەمئىيەتكە بۇنداق ئويغىنىش بىھاجەتمۇ؟ 1899-يىلى لياڭ چىچاۋ ‹جۇڭگو روھى ئامانمۇ؟› ناملىق ئەسىرىدە: «بۈگۈنكى دەۋردە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىمىز دەل جۇڭگو روھىنى بەرپا قىلىش» دېگەنىدى. بۈگۈنكى بۇ چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش دەۋرىدە، مەيلى شەخس، دۆلەت ۋە جەمئىيەت بولسۇن، ھەممە شۇنداق بىر خىل سەزگۈگە، شۇنداق بىر خىل روھقا مۇھتاج. 2014-يىلدىن باشلاپ، مەنىۋىي باغچىمىزنى قايتىدىن تاپايلى، ھەرخىل ھاياتلىق نەپەسلىرى ۋە تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلايلى، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان روھىي تۈزلەڭلىكنى ئاچايلى، زەپەردەست ھەم مېھرىبان بولغان دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش روھىنى يارىتايلى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر