باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاممىۋىي مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

2014.01.10 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، نازارەت قىلىش ــ دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، ئۇ مالىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، ئاممىۋىي مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق زور ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلىدى شۇنداقلا جەمئىيەتكە ئەينەن ئېلان قىلدى، بۇ يىل ئىقتىسادىي خىزمەتتىكى چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازۇك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم، بىرىنچى، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ،ئىسلاھات ئارقىلىق چەكلىك مەبلەغنى ياخشى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلىتىلمىگەن مەبلەغنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ياخشى ئىشلىتىش لازىم، ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى مەبلىغى قاتارلىق ئاممىۋى مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋېلىش، يۇتۇۋېلىش، خىيانەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماسلىق لازىم، ئۈچىنچى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئىشخانا سارايلارنى يەنە سالماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ بىرىنى بايقىسا بىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بۇيرۇق بولغانىكەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. ئۆتكۈر كۆز بىلەن زور قانۇنغا خىلاپ دېلو يىپ ئۇچىنى بايقاپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىكنى جازالاشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر