خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسىگە يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى نامى بېرىپ تەستىقلانغانلىقى مەلۇم بولدى. يەكەن ناھىيەسىگە «تارىخىي مەدەنىيلىك شەھەر» نامى بىرىلىشى بىلەن يەكەن ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى،بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى،چىتەي ناھىيەسى قاتارلىقلاردىن كېيىنكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 4-تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ قالدى.
يەكەن ناھىيەسى 2012-يىلى ئاپتونوم رايونغا تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى نامىنى ئىلتىماس قىلغاندىن بۇيان، تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى نامىنى ئېلتىماس قىلىش خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى بېكىتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. شاڭخەي شەھىرى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە يەكەن ناھىيەسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى نامىغا ئىلتىماس قىلىش تۈرىنى ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلدى.
يەكەن ناھىيەسى قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىدىكى مۇھىم شەھەر-بازارلارنىڭ بىرى بولغان، 3000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت مۇھىتى قويۇق، شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى گىرەلەشكەن جاي.
سۈرەتتە: يەكەن ئالتۇنلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت مەيدانى
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر