باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

بۇ يىل پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك

2014.01.10 21:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى 10 – يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندىن ئىگىلىشىمچە، 2013 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، 714 مەمۇرىي كەنتتە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىش ئورنى قۇرۇلغان، مەخسۇس تەنتەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ مىڭ (قېتىم) خادىم تەربىيىلەنگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تەنتەربىيە خىزمىتى خادىملىرى 18 مىڭغا يەتكەن. تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن 5800 قېتىمدىن ئارتۇقى ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقانلار سانى 7 مىليون 600 مىڭ (قېتىم) كىشىدىن ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە 50 نەپەر مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە خىزمەتچىسى ۋە 50 نەپەر مۇنەۋۋەر ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمەتچىسى مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 6 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 2 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. شۇنداقلا يەنە 2013 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 42 قېتىم 1 – لىكنى، 37 قېتىم 2 – لىكنى، 52 قېتىم 3 – لىكنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە مەملىكەتلىك ئېگىزتاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ھازىرقى زامان بەش تۈردە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ئەركىن چاڭغا تېيىلىش، كۆكتە ماھارەت كۆرسىتىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، مەملىكەت بويىچە تېز سۈرئەتتە ئات بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، جايلاردا تۈرلۈك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، قاتناشقانلار سانى 180 مىڭدىن، كۆرەرمەنلەر سانى 1 مىليوندىن ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارامايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە سانجىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز، 2016 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل نويابىرغىچە ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يەنە بىر خەۋەر: ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق تەنتەربىيە لاتارىيە خىزمىتى يىغىنى 10 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليارد 509 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىلىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان، دۆلەتكە 370 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە ئاممىۋى فوند تاپشۇرۇلغان.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر: شىنجاڭ «بوغدا» پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر