باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوغرىلىقچە ئاڭلىغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى(1)

2014.01.10 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى يېقىندا «ئوغرىلىقچە ئاڭلىغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى ئاشكارىلانغانلىقتىن، ئوباما ئەڭ سادىق ئىككى قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى دېيىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى ئامېرىكا مەخسۇس ئىستونىنىڭ ھەر قايسى كەسىپلەرنى كۆزىتىشىگە قارىغاندا، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش-ئامېرىكىدىكى مال سېتىۋېلىشنىڭ كېيىنكى چوڭ يۈزلىنىشىگە ئايلىنىدىكەن. ماگىزىن خوجايىنلىرى خېرىدارلارنىڭ يانفونى، ماگىزىندىكى سىنكۆز ياكى يۈزىدىن پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى ئويلاشماقتا. بۇندىن كېيىن، بىر خېرىدارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش تارىخىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بىر شىركەت بەلكىم بۇ ئايال خېرىدارنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى توردىن توپچىلار ئايىغى سېتىۋالغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ يانفونى ياكى ماگىزىننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانىدىن تەنھەرىكەت ئايىغىنى سېتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بۇ خىل شەخسىي مەخپىيەتلىكتىن مەھرۇم قىلىشتىكى ئامالسىزلىق-ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانىغا سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق توختاملىق خىزمەتچىسى ئىدۋارد سىنودىن ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى، ھازىر سىنودىن رۇسىيەدە پاناھلانماقتا. ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانى چەتئەللەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. ئۆزى ۋە بىرازىلىيەدىكى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ماگناتى بولغان بىرازىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلانغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى دىلما روسسېف ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. گېرمانىيە ئاممىسى ناتسىستلار دەۋرىدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قىلمىشىنى ھازىرمۇ ئېسىدە ساقلىماقتا، شۇڭا گېرمانىيە سىياسىيونلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ شەخسىي يانفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. ياۋروپا پارلامېنتى ئامېرىكا پارلامېنتىدىنمۇ بەكرەك ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قىلمىشىنى جىددىي مۇنازىرە قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان، بۇ-ياۋروپادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنى غەزەپلەندۈردى، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئامېرىكا سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر