باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئادالەتسز دۇنيا

2014.01.10 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدىن ياۋروپاغىچە، لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئافرىقىغىچە، دۇنيا بايلىق تەقسىماتىدا بارغانسېرى ئادالەتسىزلىك كۆرۈلمەكتە. بارغانسېرى زورىيىۋاتقان باي-نامراتلىق پەرقىگە قارىتا، دۇنيا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

  پەرق زورايماقتا

  يېرىم ئەسىرىنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي فانتازىيە ئۇستازى ئەقسا ھاشىموف قىياس قىلىپ: بارلىق ئىنسانلار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، بارغانسېرى نۇرغۇن نىسبەتتىكى كىشىلەر ماددىي جەھەتتە بۈگۈنكىگە سېلىشتۇرغاندا باي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن پەرقى زورىيىدۇ»، دېگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ قىياس راستقا ئايلاندى.

  ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەكشۈرۈش شىركىتى گاللوپ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ شىركەت ئالتە يىلدا تاماملىغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، يەر شارىدىكى %3 ئەڭ باينىڭ ئائىلە كىرىمى يەر شارى ئومۇمىي ئائىلە كىرىمىنىڭ %20نى ئىگىلىگەن، بۇ %54 نامرات ئائىلىنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭكەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 2006-يىلدىن 2012-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 131 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان.

  باي نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىش ھادىسىسى يالغۇز بىر دۆلەت ۋە بىر رايوندىلا بولماستىن بەلكى، يەر شارىغا كەڭرى تارقالغان. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىر قېتىملىق نۇتىقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: ئەڭ باي %10 نوپۇس بارلىق كىرىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئەمەس بەلكى يېرىمنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىلگىرى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيەسى ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ تەخمىنەن 20ھەسسىدىن 30 ھەسسىگىچە ئىدى، ھازىر 273 ھەسسە بولدى.

  لاتىن ئامېرىكىسىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2052-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ باي دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم سەۋىيەسىگە يېتىشىدىن ئۈمىد باركەن. بىراق دوكلاتتا جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىكى كۆرستىلدى.

  سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا %2باينىڭ كىرىمى %63نامرات ئائىلە كىرىمىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭكەن.

  ئاچكۆزلۈك ۋە ئادالەتسىزلىك

  پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يەر شارىغا يامرىغاندىن بۇيان، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كاپىتال كىرزىسى، «ئىشغالىيەت» ھەرىكىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولماسلىق مەسىلىسىنى بارغانسېرى ناھايىتى ئېنىق كۆرمەكتە، بارغانسېرى نۇرغۇن كىشى يەر شارىدىكى %1باينىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى زور كۆپ ساندىكى بايلىقنى قانداق قىلىپ نامۇۋاپىق ئىگىلىۋالغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پەرقنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

  رىم پاپىسىنىڭ يېقىندا تىغ ئۇچىنى زامانىۋى كاپىتالىزم نەزەرىيەسىگە قاراتقانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. رىم پاپىسى ئۆزىنىڭ تۇنجى دىنى نەسىھەتىدە زامانىۋى كاپىتالىزم «پۇلغا چوقۇنۇش»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە يەر شاردا باراۋەرسىزلىكنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، دېدى. رىم پاپىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق- بازارنىڭ مۇتلەق مۇستەقىللىقىنى قوغدايدۇ ھەمدە پۇل-مۇئامىلە ھايانكەشلىك ئېڭىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىرسىتان دىنى ئىلمىي رېسالىلىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىم پاپىسى يېقىندا دۇنيادىكى ھەر دۆلەت رەھبەرلىرىگە بىر پارچە خەت يېزىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد- ئاچكۆزلۈك ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ ئاساسى، دەپ تەنقىد قىلغان.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باي نامراتلىقنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى -دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ يېقىنقى نەچچە 10 يىلدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا يولغا قويغان يېڭى لىبېرالىزم ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدە. بۇ سىياسەت بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى مەجبۇرى يولغا قويۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، ئاخىرىدا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا ئەرزان باھالىق يەر، تەبىئىي بايلىق ۋە ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشتى. ئەمما نامرات دۆلەتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلىدى.

  كەسكىن سىناق

  كىرىمنىڭ ئېغىر باراۋەرسىزلىكى شۈبھىسىزكى- نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق خېيىم-خەتەرلەرنىڭ بىرى. گاللوپ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىرىم تەقسىماتى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بارغانسېرى ئەندىشە قوزغىماقتا. نۇرغۇن نامرات دۆلەت ۋە تىپى ئۆزگەرگەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى-ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم توساق ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاشۇرۇۋاتقان بايلىق ئاز ساندىكى كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزۋاتقاندا،پۈتكۈل دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا توختاپ قىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر كىرىم تەقسىماتى تەڭپۇڭسىزلىقى نامراتلىق، جىنايەت ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  كىرىم تەقسىماتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدەك كەسكىن خىرىسقا دۇنيا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا ئىقتىسادىنى كونترول قىلىش ئاپپاراتى يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مونۇپۇللىقىدا، كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان باي نامراتلىق پەرقىنى، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشتە قائىدىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەر شارى دېموكراتىك نازارەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئاچكۆزلۈك ۋە سوداپەرەسلىكنى چەكلەش كېرەك.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا لاتىن ئامېرىكىسىغا تەكلىپ بېرىلدى. بۇ تەكلىپلەر باشقا دۆلەتلەرگە ماس كېلىدۇ. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: لاتىن ئامېرىكىسى مالىيە سىياسىتىنىڭ باراۋەرلىكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكى شۇنداقلا سىجىللىقنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاشكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياخشى بازار ئىجازىتى مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ۋە ئائىلە ساھەسىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ياخشىلاپ، تەرەققىيات مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئوباما تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى «بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك خىرىس »، دېدى. بۇ خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ پۈتۈن دۇنيا بۇنى ئەستايىدىل ئويلىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر