خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار مىسىر پايتەختى قاھىرەدە مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى يولنى توسۇپ قويدى. شۇ كۈنى ھاۋارايى سەۋەبلىك، مىسىرنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ئالىكساندىرىيەدىكى بىر تۈرمىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇرسىنى يۆتكەيدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرنىڭ قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش دىلوسىنى سوتلاشنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر