باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «بوغدا» پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلىدۇ

2014.01.10 21:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئەمدى مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىك ۋە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەڭلا توپ ئوينايدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسپىي پۇتبولچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى مۇسابىقىسىدە توپ تېپىدىغان خۇبېي «خۇاكەيئېر» پۇتبول كۇلۇبى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، «خۇاكەيئېر» پۇتبول كۇلۇبى 2013 – يىلى 28 – دېكابىر رەسمىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىغا، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىش ئىلتىماسىنى سۇنغان. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 2 – يانۋار ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلغانلىق جاۋابىنى بەرگەن. 8 – يانۋار «خۇاكەيئېر» پۇتبول كۇلۇبى ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ شىنجاڭدا كۇلۇبنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس سۇنغان. كۇلۇب نامى ۋاقتىنچە «شىنجاڭ بوغدا پۇتبول كۇلۇبى» دەپ بېكىتىلگەن. 15 – يانۋاردىن بۇرۇن مەزكۇر كۇلۇبنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى بارلىق رەسمىيەتلىرى پۈتۈپ بولىنىدىكەن، ئاي ئاخىرىدا يېڭى كۇلۇبنىڭ كۇلۇب بەلگىسى ۋە مۇسابىقە كىيىملىرى بېكىتىلىدىكەن. مايدىن باشلاپ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە چۈشۈشنى باشلاپ كېتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازات تۇرسۇن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىقى مول ئاممىۋى ئاساسقا، قويۇق پۇتبول مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە ئىگە، بازار ئىستىقبالى زور. ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى نۆۋەتتىكى شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كۇلۇبىغا ئوخشاش شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلىنىدۇ.

   مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر: لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر