باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتا مەزھەپ كۈرىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە(1)

2014.01.10 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىدىكى مۇھىم شەھەر فاللوجا شەھىرىگە بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويدى، بۇ شەھەرنى «بازا» تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم قۇراللىقلار ئىگىلىۋالدى. «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھەتتا فاللوجادا ئىسلام دۆلىتى قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: «بازا» تەشكىلاتى بەزى جايلاردىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلەشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۈچ توپلاپ، ئۇرۇش قوزغاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسى بويىچە دۆلەت قۇرۇش غەرىزىدە بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى كۈنسايىن ئەۋج ئالدى؛ ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈنسايىن ئاجىزلاشتى؛ ۋەھالەنكى ئوخشاشلا مەزھەپ توقۇنۇشى بولغان سۇرىيە كىرزىسى قوشنا دۆلەت ئىراققا تەسىر كۆرسەتتى. «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تارماق تەشكىلاتى بولغان «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بۇ «پايدىلىق شارائىت»تىن پايدىلىنىپ، سۈرىيەدىكى سۈنئىي مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئەنبار ئۆلكىسى قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردا يەنىمۇ زورىيىشقا باشلىدى.

  باغدات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلىمى پىروفېسسورى ساباھ مۇنداق دېدى: بۇ توقۇنۇشنىڭ تۈپ يىلتىزى ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرگە ئېغىر دەرىجىدە ئىشەنمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭ ئوت پىلتىسى سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىدىن نازارى بولغانلىقىتىن بولغان. كۈچى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان «بازا» تەشكىلاتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماقچى بولغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر