باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەنە 70 تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى

2014.01.09 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 8-يانۋار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بىرىنچى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارماقلىرىنىڭ بارلىق مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئاشكارىلاپ، يەنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، قېلىپلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئازىيىپ، بىر تەرەپتىن كۆپۈيۈش، ئاشكارا ئازىيىپ، يوشۇرۇن كۆپۈيۈش ھادىسىسىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش.ئىككىنچى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ غەيرى مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق تۈرلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۈچىنچى، ئۆتكەن يىلى ئۈچ تۈركۈمدە مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ساھەسىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئۆلكىلەر ئارا ئادەتتىكى مال ئوبوروت سۇ يولى قاتناش تىرانسپورت ئىجازىتى، ئاساسىي تېلېگراف ۋە رايون ھالقىغان كۆپەيمە قىممەتتىكى تېلېگراف كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 تۈرلۈك تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قىسقارتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى سىجىل ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ۋە ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى باغلاش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھا ۋاقىتلىق تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبلىك تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، مەركەز مالىيەسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن شەھەر يېزىلار تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى، نەپىقە قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە قىش ئەتىيازدا قىيىنچىلىق بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن جەمئىي 98 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، مەبلەغنىڭ ۋاقتىدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزىلىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى بىرلىكتە ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلار بېكىتىلدى: بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى يەنە %10 ئۆستۈرۈلىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 74 مىليون خىزمەتچى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسى ياشانغانلار سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ۋاقتىدا تولۇق ئەمەلىيلشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم، كېيىنكى قەدەمدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر