باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2014.01.09 09:17   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 7-، 8-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرولۇق قىممەت ئىنتىلىشىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ نىشان قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەت ھازىرلاش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن سېپى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئىستراتېگىيەنى ياخشى يولغا قويۇشى؛ ھەم پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ھەم پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى قوغداش-سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن ھوقۇق قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق، قانۇنلۇق مەنپەئەت تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىش؛ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم رولغا ئىگە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى نوپۇزلۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ھوقۇق-مەنپەئەتتىن ئادىل مۇئامىلىگە ھەقىقىي ئېرىشتۈرۈپ، مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يادرولۇق قىممەت ئىنتىلىشى. ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق، ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىشىغا پەرۋا قىلماسلىق، ئاددىي ئاممىنى ئەرز قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خاتا، ناھەق دېلولارغا سەۋەب بولۇشقا قەتئىي يول قويماسلىق لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش-سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈپ نىشانى. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلاپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار باش بولۇپ قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ، باش بولۇپ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. قانۇننىڭ قىزىل سىزىقىغا چېقىلماسلىق، قانۇننىڭ ئاخىرقى چېكىدىن ھالقىپ ئۆتمەسلىك قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى، قانۇن ئىجراسىنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى لازىم، ئۆزىنىڭ سۆزىنى قانۇن ئورنىغا دەسسىتىش، ھوقۇقى بىلەن قانۇننى بېسىش، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەتئىي غايە-ئېتىقاد-قانۇن ئىجرا قوشۇنىنىڭ سىياسىي روھى، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى سىياسىي-قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا 1-ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سىياسىي-قانۇن قوشۇنى مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ناتوغرا ئىستىللارغا تاقابىل تۇرۇشتا، قەتئىي بولۇشى؛ ئەڭ قەتئىي ئىرادە، ئەڭ قەتئىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى چىرىك ھادىسىلەرنى تۈگىتىپ، زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى قەتئىي تازىلىشى لازىم. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئادىللىق، ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ 2014-يىللىق سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن