باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو ياپونىيە پادىشاھىنىڭ گېپىنى ئاڭلامدۇ؟

2014.01.10 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە پادىشاھى ئاكىخىتو 80 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە: 80 يىلنى ئەسلىگىنىمدە ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىش- ئۆتكەن قېتىملىق ئۇرۇش، ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلۈپ نۇرغۇن ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلۇپ، بۈگۈنكى ياپونىيە ئۈچۈن ئاساس سېلىندى، دېدى.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار ئۇنىڭ يادرولۇق قارىشىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېيىشتى: تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى يېڭى ياپونىيەنى بارلىققا كەلتۈردى، يەنى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى بولغانلىقتىن، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈنى بولدى. ئاكىخىتونىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان گەپ-سۆزلىرىدىن قارىغاندا، مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىشنىڭ ئاساسى بار.

  ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە 1947-يىلى «ياپونىيە ئاساسىي قانۇنى»نى ئېلان قىلدى، ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىدا ياپونىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى كۈچى ۋە باشقا ئۇرۇش كۈچىنى ساقلىمايدۇ، ئۇرۇش قوزغاش ھوقۇقىدىن مەڭگۈ ۋاز كېچىدۇ، قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سېلىشنى خەلقئارا ماجىرالارنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلمايدۇ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئاساسىي قانۇن شۇڭا تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتالغان.

  ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشى، قوشنا ئەللەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن بۇ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا قارىتا، ياپونىيەدە دەسلەپتىلا بۇنى قوللاش ۋە بۇنىڭغا قارىشى تۇرۇشتەك ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان كۈچلەر ۋە سادالار مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ياپونىيەدىكى ئوڭچى كۈچلەر تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ، ھازىرقى باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ قىيىن ئاتىسى كىشى نابۇسۇكى دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى. «ئا» دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولغان بۇ ئوڭچى سىياسىيون 1957-يىلى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، ئۇ ئىلگىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزمەي بولمايدۇ،دېگەن. گەرچە بىر مەھەل شۇنداق قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىيالدىن ۋاز كەچمىگەن.

  ياپونىيەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارىشىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئۈزۈلمىدى، ئابې شىنزو بۇ ئىشنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، گېرمانىيە ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى تورىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئابې شىنزو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىپ ئەجدادلىرىنى تاۋاپ قىلغاندا: مەن بۇ بۇرۇچنى قەتئىي ئورۇنلايمەن دەپ قەسەم قىلدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ مىللەتچى رەھبەر ياپونىيەنىڭ بۇرۇنقى نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغان ئوخشايدۇ. ياپونىيە پادىشاھى تەسىراتىنى سۆزلىگەن كۈنى ئابې زىيارەت پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا: بۇ مەن جەزمەن قىلىدىغان ئىش، قانداق شەكىلدە بولسۇن، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن،دېدى.

  ئابې شىنزو تەختكە چىققاندىن كېيىن، تارىخقا بولغان تونۇش مەسىلىسىدىكى خاتا گەپ-سۆزلەر ئۈزۈلمىدى، ياپونىيەدىمۇ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراشنى خالىمايدىغان ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان تەتۈر ئېقىم، ئاساسىي يۈزلىنىشكە ئايلاندى؛ زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇقى ماجىرالىرى ئۈزۈلمىدى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق يامانلاشتى، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، مەخسۇس قوغدىنىش، موداپىئە كۆرۈش ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاندى، جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيەسى تەرغىب قىلىندى. يېقىندا ئابې ئىچكى كابېنتى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بىر قېتىمدىلا «دۆلەت بىخەتەرلىك كاپالەت ئىستراتېگىيەسى»، يېڭى «موداپىئە پىلانى پىروگراممىسى »، «ئوتتۇرا مەزگىللىك موداپىئە كۈچلىرى تەييارلىق پىلانى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت- تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇش.

  تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇش جەھەتتە، ياپونىيە يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت قىلدى، بۇ ھەرىكەتلەردە ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەخسۇس موداپىئەلىنىدىغان ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلار ئاساسەن چىقىرىۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەدە ئوڭچىلىشىشقا كۈنسېرى كەڭ قورساقلىق قېلىندى. ياپونىيەنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىدا 9-ماددا ساقلاپ قېلىندى، تىنچلىقنىڭ پوستىلا قېلىپ قالدى، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ.

  تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا بولغان پوزىتسىيە- ياپونىيەنىڭ تىنچلىق يولىدا داۋاملىق ماڭىدىغان ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايدىغان سىناق تاشقا ئايلاندى. ياپونىيە پادىشاھىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئابې ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاقىلانە ياپونىيە خەلقىنىڭ بىرلىكتە، ياپونىيەدىكى ئوڭچىلار چوقۇپ چىققان ئەپسانىلاردىن قايمۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئوبدان قىلىشى، قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىدا ئىش تېرىشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر