باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نېفىت، گاز بايلىقىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى زور

2014.01.09 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەملىكەت بويىچە نىفىت گاز بايلىقىنىڭ ھەركەتچان باھالاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ نىفىت گاز بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەن، مۆلچەرلىنىشچە، 2030-يىلىدىن بۇرۇن، نېفىت زاپاس مىقدارى مۇقىم ئاشىدىكەن، جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت گېئولوگىيە زاپىسى 22 مىليارد توننىغا يېتىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 200 مىليون توننىدىن ئېشىشنى ساقلايدىكەن، كۆپ بولغاندا 250 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن؛ تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى تىز سۈرئەتتە ئاشىدىكەن، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئي گاز گېئولوگىيە زاپىسى 12 ترلىيون كۇپ مېتىر يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىكەن، 2030-يىلى 300 مىليارد كۇپ مېتىرغا يىتىدىكەن. 2030-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ۋە ئادەتتىچىكە بولمىغان نىفىت ۋە تەبئىي گاز مىقدارى 700 مىليون توننىغا يېتىپ، نۆۋەتتىكى ئاساستا بىر قاتلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر