باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى

2014.01.06 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى خۇلاسىلەش خىزمىتى ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن 5-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەركىزىي ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى چاقىردى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى خۇلاسىلەش خىزمىتى ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: 1-قېتىملىق تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى خۇلاسىلەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم ۋاقىت. بىز باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. تۈزەتكەنلىرىمىزنى مۇستەھكەملەپ، قايتا يامرىشىدىن ساقلىنىشىمىز، تۈزىتىۋاتقانلىرىمىزنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز، تېخى تۈزىتىلمىگەنلىرىنى تېزدىن تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىقلىق، قوللىنىشچانلىق، مەشغۇلاتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلدە ئاقىدىغان، يېتەكچىلىكى كۈچلۈك، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى خۇلاسىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەقلىي تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىش ۋە يېڭىچە تەجرىبىلەرنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. (خۇا چۈنيۈ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر