باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: بۇلتۇر 182 مىڭ ئادەمگە چارە كۆرۈلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، كۆپىيىش كۆرسەتكۈچى %13گە يەتتى

2014.01.10 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تورىدا بۈگۈن «‹يولۋاس›قىمۇ ‹چىۋىن›گىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش بويىچە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دېلو تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى،

  ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى جەمئىي 1 مىليون 950 مىڭ پارچە ئەرز-شىكايەت قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %49.2 كۆپەيگەن؛ ئىنكاس قىلىنغان 197 مىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 172 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 173 مىڭ دېلو ئاياغلاشتۇرۇلغان، 182 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن. چارە كۆرۈلگەنلەر سانى بۇلتۇرقىدىن 21 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، كۆپىيىش كۆرسەتكۈچى %13كە يەتكەن. 6400دىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرغا چارە كۆرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.3 كۆپەيگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چارە كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى قەدەممۇقەدەم كۆپىيىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، 2012-يىلى ۋە 2011-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 161 مىڭ ۋە 143 مىڭ ئادەمگە چارە كۆرۈلگەن.(تاڭ شۇچۇەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر