باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى

ــــــــ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خاتىرىسى

2014.01.10 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىل 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر يىل بىر يىرىم ئاي ۋاقىت تارىخنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى بولسىمۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى يېڭى تارىخىي بەلگە بولۇپ قالدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆتكەنلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە، خەلققە، مىللەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  رولىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى تۇتقان جۇڭگودىن ئىبارەت زور پاراخوت يېڭى تارىخىي پەللىدىن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

  2012-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىرى دۆلەت مۇزىيىغا كېلىپ، «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى» دېدى.

  جۇڭگو ئارزۇسى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى كەم ئۇچرايدىغان گۈزەل كوللېكتىپ ئارزۇدۇر.

  بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى مىسلىسىز كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر