باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چولپانلار ئوبراز ۋەكىلى بولسا نەپكە ئېرىشىش بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

2014.01.10 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چولپانلار ساختا يېمەكلىك، دورىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولسا قانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 9 - يانۋار ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان تالاش - تارتىش بولۇپ كەلگەن تېمىغا ئېنىق جاۋاب تېپىلدى، يەنى ساختا ئېلاندا ئىستېمالچىلارغا يېمەكلىك، دورا تونۇشتۇرۇلسا، زىيانغا ئۇچرىغان ئىستېمالچى ئېلاندا ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىنىڭ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە سوتقا ئەرز قىلسا، سوت مەھكىمىسى بۇنى قوللايدۇ.

  سودىگەرلەر ئاممىنىڭ چ−ولپانلارغا بەك ئىشىنىدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ پۇل خەجلەپ چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، ئەمما مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ.

  ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ ب−اراۋەرلىكى قانۇننىڭ تۈپ نەزەرىيەۋى ئاساسى. مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولغان ئىكەن، تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئوبراز ۋەكىلى بولۇش ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ۋە تونۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنى ھەم نامغا ھەم مەنپەئەتكە ئېرىشىش دېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە مەلۇم، چاتما جاۋابكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم. شۇ ئوبراز ۋەكىلى بولغان چولپانلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پەخرىي ئورنىنى قەدىرلەپ، سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاۋارلارنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش، سىناپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇن ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - يانۋار تېلېگراممىسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر