باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2014.01.17 13:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ››نى تارقىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان .

  ‹‹ئۇقتۇرۇش ››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش ياكى يېڭى دەرس ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىش ، ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىشى ، ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ بېرىشى ، جەمئىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ھەقلىق تەربىيەلەش ۋە تەكرار سىنىپلىرىنى تەشكىللىشى ياكى قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك .

  تەبىئىي ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قاتارلىقلار سەۋەبىدىن دەرسلىك پىلانى ئورۇنلانماي، ھەقىقەتەن دەرس تولۇقلاش زۆرۈر بولسا، ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك) مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارغا دەرس تولۇقلاش پىلانى، مەزمۇنى، ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئۇقتۇرسا بولىدۇ ، ھەرقانداق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

  ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقىغا قارىتا، ‹‹ئۇقتۇرۇش ››تا تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ ، تاپشۇرۇق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ، مەھەللە مۇلازىمىتى، ئەمگەكتە چېنىقىش قاتارلىق تەربىيە پائالىيىتىگە يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى .

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، رېۋىزىيە ، ئىستىل تۈزىتىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچە مەكتەپلەرگە قارىتا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن . ئومۇمەن ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆز مەيلىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ دەرس تولۇقلاش ئەھۋالى بايقالسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلان قىلىنىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى جەمئىيەتكە پاش قىلىش تېلېفونى ھەمدە ئالاقىلاشقۇچىنى ئېلان قىلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر