باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى «بايلار كۇلۇبى»

2014.01.20 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا سىياسىيغا ماسلىشىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدىن ئايان بولىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى 534 پارلامىنت ئەزاسى ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ 268 پارلامىنت ئەزاسىنىڭ مۈلكى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكا پارلامىنتى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بايلار كۇلۇبى» غا ئايلىنىپ قالغان، بايلار كۇلۇبىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى كالافورنىيە ئىشتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامىنت ئەزاسى داررېل ئىسسا ئىكەن، ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 598 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن، ئۇ ئامېرىكا پارلامىنتىدىكى ئەڭ باي پارلامىنت ئەزاسى ئىكەن.

  ئامېرىكىدا نامزاتلارنىڭ مەبلىغى ئاز بولسا سايلىنىشى تەس. ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكا ئالاھىدە سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تېلېۋىزور ئېلانىغا 6 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان؛ نامزاتنىڭ ئۆزى ئېلان قىلدۇرغان تەشۋىقات ئېلانىغىمۇ 5 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن. قوشما شىتات سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالاھىدە سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى شۇ يىلىدىكى سايلامغا 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلغان.

  ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۆز پارتىيەسىدىكى پارلامىنت ئەزالىرى ئۈچۈن سايلام خىراجىتى توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان، مۇشۇ پائالىيەت مەيدانىغا كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىلا 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىنىڭ ھەقىقەتەن بايلارنىڭ سەھنىسى ئىكەنلىكىنى، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

  ئەمدى نەزىرىمىزنى شەرقىي ئاسىياغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسى ئوخشاشلا بايلارغا مەنسۇپ. ياپونىيە پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ مۈلكى ئاساسلىقى كۆچمەس مۈلۈك، زېمىن، پاي چېكى ۋە ئامانەت پۇلىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى ئېلان قىلغان پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى دوكلاتتىن ئايان بولىشىچە، باش ۋەزىر ئابى شىنزونىڭ مۈلكى 107 مىليون 940 مىڭ ياپونىيە يىنىغا، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئاسوتارونىڭ ئومۇمىي مۈلكى 436 مىليون 230 مىڭ ياپونىيە يىنىغا، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كائېدا باندىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 32 مىليون 880 مىڭ ياپونىيە يىنىغا يېتىدىكەن، يەنى ھەر بىر سىياسىيوننىڭ مۈلكىنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىكەن.

  مەبلەغنىڭ كۆپ بولىشى سايلامدا غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، سايلام جەريانى پۇل خەجلەش جەريانى دېمەكتۇر. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012-يىلى 12-ئايدا، ياپونىيە پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ سايلام پائالىيىتى جەريانىدا تەخمىنەن 100 مىليون ياپونىيە يىنى خەجلەنگەن، جەمئىي 1504 ئادەم سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، سايلامدا مەغلۇپ بولغان نامزاتلار چىقارغان 100 مىليارد ياپونىيە يىنى پۈتۈنلەي خەجلىنىپ بولغان، بۇ تېخى مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى نورمىدىن سىرت سەرپ قىلغان 80 مىليارد ياپونىيە يىنى خىراجەتنى ئۆزئىچىگە ئالمايدىكەن. ياپونىيەدە سايلام نامزاتلىرى دېگۈدەك بانكىدىن شەخسىي ئىناۋەتلىك قەرز ئىلتىماس قىلىدىكەن. ناۋادا ئىلتىماس قىلغۇچى نوپۇزلۇق سىياسىيون بولسا، بانكا خۇشاللىق بىلەن قەرز بېرىدىكەن، چۈنكى بانكا بۇنداق نامزاتنىڭ سايلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى بىلىدۇ. ناۋادا ئىلتىماس قىلغۇچى ئانچە نامى چىقمىغان ياكى يېڭىدىن سىياسىي سەھنىگە قېتىلغان كىشى بولسا، بانكا قەرز بېرىشنى رەت قىلىدىكەن، چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ قالسا، بۇنداق كۆپ قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدۇ، بۇ ئادەتتىكى پۇقرالار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە سۇسلاشتۇرغان.

  شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، چەتئەللەردە، سىياسىي ساھەگە كىرىش ھەقىقەتەن تەس، رىقابەتمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن. پارلامىنت ئەزالىرى سايلىمى بايلارنىڭ رىقابىتى بولۇپ، بۇنى ھوقۇق رىقابىتى دېگەندىن كۆرە، بايلىق رىقابىتى دېگەن تۈزۈك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر