باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ پارىس قولتۇقى ئەرەپ دۆلەتلىرى بىرلەشمە كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2014.01.20 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا جۇڭگو ـ پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزلىشىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاۋۋالقىدەكلا پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ پىلان ۋە لايىھەنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك، جۇڭگو پارس ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئاساسى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ئىككى تەرەپنىڭ تېز ھەرىكەت قوللىنىپ، كېلىشىملەرنى بالدۇرراق ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىۋى ۋە 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقى رايونى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رول ئوينىشىنى قەتئىي قوللايدۇ،بىز پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى كۇۋەيتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ساباھ پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، ساباھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، قەدىمىي يىپەك يولى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونى بىرى بىرىگە باغلىغان ئىدى، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىۋى ۋە 21-ئەسىر يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر