باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سەككىز باجدىن خالىي رايون قۇرىدۇ

2014.01.22 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇدىرى جاڭ چۈنلىن يېقىندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جەمئىي سەككىز باجدىن خالى رايون قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، چېگرا بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالدى، دېدى.

  جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى چۆرىدەپ قاتناش تۈگىنى، سودا ئوبوروتى، پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت-پەن-تېخنىكا ۋە تىببىي داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەز، ئىككى چوڭ بازا ۋە سەككىز باجدىن خالى رايون قۇرىمىز، ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ستراتېگىيەسىدىكى يادرولۇق رايونلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايون - ئالاتاۋ ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونى 2013-يىلىنىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئېلىمىزدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق رايونى بولۇپ، كۆپ خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باجدىن خالى رايون سىياسىتىمۇ بار. بۇندىن باشقا، قەشقەر باجدىن خالى رايونىمۇ تەستىقلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بەش باجدىن خالى رايون ئۈرۈمچى ئېكىسپورتقا پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، جىمىنەي چېگرا ئېغىزى، باقتۇ چېگرا ئېغىزى، ئىركەشتام چېگرا ئېغىزى ۋە تايكەچكەن چېگرا ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر