باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ــ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 -يىغىنى يېپىلدى(1)

جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

2014.01.22 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 -يىغىنى 20-يانۋار «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى.

  يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى

  ئەركىن ئىمىرباقى، نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى

  مۇخبىرلىرىمىز مېھرىگۈل تۇردى، خالىدە ئوبۇل، ئەكبەر ئىسمايىل، روشەنگۈل ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 20 - يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئۆزگەرتىپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، پۇختا ئىشلەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

  يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 549 بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقىنى 525، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچىڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، ئەسقەر تۇرسۇنلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ليۇ شىنچى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا ماقۇللانغان قارار بويىچە يولداش ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى.

  يىغىندا، ۋاڭ خۇيمىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن، رەپقەت نۇرئەخمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن، ئابلىز ھوشۇر قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ئەزالىقىدىن، دولقۇن توختىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ئىسىملىكى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر