باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدا قانداق يېڭى تەدبىرلەر چىقىرىلدى؟(1)

2014.01.22 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-يانۋاردىن تارتىپ كېيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىنلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. 19-يانۋارغىچە، مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىككى يىغىننى ئېچىپ بولدى ياكى ئاچماقتا.

  ئىسلاھات-بۇ يىل ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىنلاردىكى مەركەزلىك سۆز بولدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، ئىسلاھات 59 قېتىم تىلغا ئېلىندى. لياۋنىڭدا بۇ سان 41 گە يەتتى. خېبېيدا بولسا ئىسلاھات بۇ يىللىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىندى. 2014-يىلى جايلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھات روھىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟

  1-ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، نۇرغۇن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوملار ئۆلكە دەرىجىلىك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇدى. ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟ جايلار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىشنى پائال داۋاملاشتۇرماقتا.

  جېجياڭدا، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى تەستىقلاش بولدى. بۇلتۇر بۇ ئۆلكىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى %40 گە يېقىن ئازايدى، مەمۇرىي ئىجازەتسىز تۈرلەرنىڭ ئازىيىش كۆلىمى %82 كە يەتتى، 2014-يىلى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ. خېبېيدا، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بۇ يىللىق بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى قوزغىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىندى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر