- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ بېلورۇسىيە زۇڭلىسى مىياسنىكوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى
2014.01.22 15:38 مەنبە: خەلق تورى
21-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بېلورۇسىيە زۇڭلىسى مىياسنىكوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 21-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بېلورۇسىيە زۇڭلىسى مىياسنىكوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مىياسنىكوۋىچقا مۇنداق دېدى: سىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «دوستلۇق» ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چەت ئەللىك دوستلارنىڭ بىرى، كۆپ يىللار جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن. (دۇ شاڭزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر