باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادىي جىنايەت دېلوسىدىن 55180 ئى پاش قىلىندى

2014.01.22 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 21-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئېلىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ 2013-يىلى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش ۋە ساختا، ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى گاۋ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ساختا ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جىنايىتىدە كەسىپلىشىش، تورلىشىش ۋە خەلقئارالىشىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگەن، نورمال كەسپى ئىگىلىكىدە يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش قاتارلىق كۈلرەڭ مەنپەئەت زەنجىرى مەۋجۇت ئىكەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇ ئالاھىدىلىككە قارىتا بىر يۈرۈش مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرغان، تېخنىكىلىق زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بۇنداق جىنايەتلەرنى كونترول قىلغان.

  2013-يىلى ساختىلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئومۇمىي سوممىسى 172 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان 55180 دېلو پاش قىلىنىپ، 5922 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى، ساختا ناچار تاۋاردىن 90 مىليون توننىدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى، بۇ يىل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە مۇشۇنداق ۋەزىيەتنى ساقلاپ، يېقىندا بولۇپمۇ يېڭى يىل چاغان مەزگىلىدىكى ساختا ناچار تاماكا، ھاراق، يېمەكلىك، كىيىم كېچەك قاتارلىق كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى بازارنى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر