باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشتى، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىم خامچوتى تولۇق ئورۇندىلىشى ھەمدە ئازراق ئېشىشى مومكىن

2014.01.24 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت مالىيە كىرىمى 12 تىرىليون 914 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، 1 تىرىليون 188 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئېشىپ، %10.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمى 6 تىرىليون 17 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمى 6 تىرىليون 896 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %12.9 ئاشتى.مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، مالىيە كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن، ئىقتىسادنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشى، سودا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئالاقىدار كىرىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا مەركەز مالىيەسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى، پۈتۈن بىر يىلدا مەركەز مالىيەسى كىرىم خامچوتىنىڭ تولۇق ئورۇندىلىشى ھەمدە ئازراق ئېشىشىدا مومكىن. يەرلىك مالىيەنىڭ كىرىمى تەكشى ئېشىپ باردى، باجسىز كىرىمنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەنلىكى، بىر قىسىم مەمۇرىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئېنىقلاپ بىكار قىلىنغانلىقى ياكى كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتى ئۆستى. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر