باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ پۇتبول خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

تەنتەربىيە روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى جانلاندۇرايلى

2014.01.24 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 22- چېسلا، ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى، پۇتبول ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتىلىدى، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى توغرۇلۇق يۈرۈش سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئورتاق تونۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، كۆپنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، تەنتەربىيە خەلققە ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشنى موللاشتۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە. خەلق پۇتبولنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، پۇتبولچىلىقنى جانلاندۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسى ۋە غايىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى. تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، پەرقنى توغرا تېپىپ چىقىپ، پۇتبولچىلىقنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى ئوبدان تۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمى، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئەھۋالىدا تۇرۇش بىلەن چەت ئەلنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەنتەربىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، پۇتبول جەمئىيىتى، كۇلۇبلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان پۇتبول تەرەققىياتى قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزم ۋە پۇتبول باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قۇرۇش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر