باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ؟(1)

2014.01.24 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئېھتىياج جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق ئېھتىياج ئۆزگىرىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىسمى يوق جىسمى بار ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورنىنى ھەقىقىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا باش ئاغرىسا باشنى داۋالاش، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالاش شەكلىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.

  دۆلەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %70 تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بىراق دۆلەت قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ نامىنى مۇلازىمەت مەركىزىي،ئالاقىلىشىش باشقارمىسىغا ئۆزگەرتكەنلىكى بايقالدى.

  2010-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغاندا بەزى تاراتقۇلار بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك قىسمەن ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى نامىنى ئۆزگەرتىپ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن دېگەن ئىدى. ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى نامىنى ئۆزگەرتىپ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى،بىراق خادىملىرى يەنە شۇ خادىملار، شۇغۇللىنىدىغان ئىشمۇ يەنە شۇ ئىش؛ئۇنداقتا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يەنىلا قىيىنغا توختامدۇ؟

  بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ يەرلىك بىلەن ئالاقىلىشىش، بېيجىڭغا كېلىپ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بارغانسېرى كۆپ قۇرۇلدى. ئونىڭ فۇنكسىيىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۈتۈۋېلىش ۋە مېھماندارچىلىق قىلىش سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى ھەتتا چىرىكلىك بىخلىنىدىغان ئاپپاراتقا ئۆزگىرىپ قالدى. شۇڭا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ئىسلاھاتىدا قايسى فۇنكسىيە مۇۋاپىق، قايسى مۇۋاپىق ئەمەس، قايسى دەرىجىلىك زۆرۈر، قايسى دەرىجىلىكنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر